باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى يېڭى ئاساسىي قانۇن باياناتى ۋاقىتلىق تەدبىر، دېدى

2012.11.28 08:44        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 25– نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، زۇڭتۇڭ مۇرسى يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭى ئاساسىي قانۇن باياناتى ۋاقىتلىق تەدبىر، ئۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس، دېگەن.

  زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى باياناتىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى ئاساسىي قانۇن باياناتى پەقەتلا ۋاقىتلىق تەدبىر، ئۇ ‹‹ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش›› ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە خەلق سايلىغان پارلامېنتقا ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ھەم خەلق سايلىغان ئىككى ئاپپارات (پارلامېنتنىڭ يۇقىرى پالاتاسى بىلەن ئاساسىي قانۇن كومىتېتى)قا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشتىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ئاساسىي قانۇن باياناتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئەدلىيە ئادىللىقىنى قوغداپ، ئەدلىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.

  يېڭى ئاساسىي قانۇن باياناتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مىسىردىكى بىر نەچچە شەھەردە ئاساسىي قانۇن باياناتىغا قارشى تۇرىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار بولدى، بىر نەچچە شەھەردە زوراۋانلىق توقۇنۇشى يۈز بەردى. يېڭى ئاساسىي قانۇن باياناتى يەنە مىسىر ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. مىسىر سودىيەلەر تەشكىلاتى 24–نويابىر ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، مۇرسىنى يېڭى ئاساسىي قانۇن باياناتى ۋە باش تەپتىشنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە سوت مەھكىمىلىرىنى بۈگۈندىن باشلاپ بارلىق خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە