باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چاقىلىقتىكى 5.5 بال يەر تەۋرەشتە 60تىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، 30 ئېغىز ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى

2012.11.28 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ 27-نويابىر ئېلان قىلىشىچە، 26- نويابىر ، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ لوپنور كەنتىدە 5.5 بال يەر تەۋرىگەن. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، لوپنور بازىرىدىكى 30 ئېغىز ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش كۆلمى 500 كۋاردرات مېتىر كېلىدۇ، 60تىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. نۆۋەتتە، بۇ بازارنىڭ كارخانا ئىشلەپچىقىرىشى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تەرتىپلىك بولۇپ، چوڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ياكى بىخەتەرلىك تەھدىتى كۆرۈلمىگەن، ئاپەتنىڭ كونكرىت ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  مۇخبىر خەۋەر تارقاتقىچە بولغان ئارىلىقتا، چاقىلىق ناھىيەلىك يەر تەۋرەش ئىشخانىسى، زېمىن-بايلىق ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار چاقىلىق ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن لوپنور رايونلۇق باشقۇرۇش كومىتىتى ئاممىغا ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنى ئازايتىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كېيىنكى قېتىم ئاپەت يۈز بېرىپ قالسا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە