باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ شەھەر-يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىلىرى ئارا ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە يۆتكەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2012.11.27 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ شەھەر-يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىلىرى ئارا ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە يۆتكەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «شەھەر-يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىلىرىنى ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە يۆتكەش ۋاقىتلىق چارىسى» توغرىسىدا 12-ئاينىڭ 16-كۈنىگە قەدەر ئاشكارا پىكىر ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. «چارە»دە ئېلىمىزنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىلىرى ئارا ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە يۆتكەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش چارىسى ئېنىق بەلگىلەندى.

  «چارە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن ئىككىسىگە ياكى ئۈچىسىگە قاتناشقانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۇلاپ داۋاملاشتۇرسا ياكى يۆتكىسە بولىدۇ. ئەمما بىرلا سۇغۇرتا تۈزۈمىگە قاتناشقانلار رايون ئاتلاپ يۆتكەلگەندە، ئۆزى قاتناشقان شۇ سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە يۆتكەيدۇ، ئۇلاپ داۋاملاشتۇرىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، «چارە» پەقەت ھەق تاپشۇرۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئالمىغانلارغىلا تەتبىقلىنىدۇ؛ پېنسىيەگە چىققان ياكى بەلگىلىمە بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئالغانلارنىڭ تەمىناتى قايتا ھېسابلانمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر «چارە» تەتبىقلانمايدۇ.

  «چارە»دە ئېيتىلغان ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە يۆتكەش ئاساسلىقى شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا، يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياكى شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا، يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىر-بىرىگە يۆتكەشنى كۆرسىتىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە