باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3 يۈەن ياردەم پۇلى بىلەن ئوزۇقلۇق قانداق تولۇقلىنىدۇ(1)

2012.11.27 15:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر يىل ئىلگىرى، گوۋۇيۈەن يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. مەركەز ھەر يىلى 16 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئاجرىتىپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە كۈنىگە 3 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئوزۇقلىنىش-تاماقلىنىش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىدى. ياخشىلاش پىلانىنىڭ سىناق خىزمىتى ئوتتۇرا-غەربىي قىسىمدىكى 699 ناھىيەنى قاپلىدى، يەنە 11 ئۆلكىدىكى 288 ناھىيەدە يەرلىك سىناق نۇقتىسى قانات يايدۇرۇلۇپ، 30 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتى.

  ھازىر، پىلان يولغا قويۇلغىلى بىر يىل بولدى، بالىلارنىڭ ھەممىسى ياخشى، تويغۇچە ئوزۇقلىنىۋاتامدۇ؟ ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاش كۆرۈنەرلىك بولدىمۇ؟ بۇ ھەقتە مۇخبىر يېقىندا يۈننەن، نىڭشيا، جياڭشى، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە