باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ ئادەمسىز ئاپتوموبىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سىناق قىلىندى

2012.11.26 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-نويابىر، ھەربىي قاتناش ئىنسىتىتۇتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئادەمسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل بېيجىڭ-تيەنجىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ تەيخۇ ھەق ئېلىش پونكىتىدىن قوزغىلىپ، بىر سائەت ئەتراپىدا تيەنجىن دۇڭلى ھەق ئېلىش پونكىتىغا يىتىپ كەلدى. بۇ ئاپتوموبىل 104 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول سىنقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بۇ دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاستىدا تاماملانغان ئادەمسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىلنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول سىنىقى بولۇپ، ئىقتىدار جەھەتتىن خەلقئارانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىدۇ. تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىغا جىددىي كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن بولۇپ، جىددىي ئەھۋالدا ئادەم كۈچى ئارقىلىق مەجبۇرىي كونترول قىلىشقا بولىدىكەن.جۇ خۇڭ، يۈ جېڭشىڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە