باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربىي دىيار-ئوتتۇرا ئاسىيا تىل ئەدەبىيات خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى(1)

2012.11.23 17:07  

غەربىي دىيار-ئوتتۇرا ئاسىيا تىل ئەدەبىيات خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى(1)

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: (مۇخبىر ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم، ئوسمانجان يۈسۈپ خەۋىرى)

  بۈگۈن جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ غەربىي دىيار-ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىم، مۇخەسسىس، تەتقاتچى، ئوقۇغۇچىلار مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتىغا جەم بولۇپ، غەربىي دىيار-ئوتتۇرا ئاسىيا تىل ئەدەبىيات خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. 23-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە ئېچىلىدىغان بۇ يېغىنغا ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇ ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، 70 دىن ئارتۇق مۇخەسسىس قەدىمىي ئۇيغۇر تارىخى ۋە تىل-ئەدەبىياتىغا دائىر ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تاپشۇردى.

  بۇ قېتىمقى ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ پروفىسسورى لېتىپ توختى رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لېتىپ توختى مۇنداق دېدى: «غەربىي دىيار-ئوتتۇرا ئاسىيا فىلولوگىيە تەتقىقاتىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۇنجى قېتىم ئېچىلىۋاتقان چوڭ يىغىن، بۇ يىغىن چاڭجياڭ ئالىمى ئابدۇرېشىت ياقۇپ باشچىلىقىدا ھەم مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان مۇشۇ ساھەدە مەخسۇس تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە بۈگۈن رەسمىي ئېچىلدى. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال، بىز تارىخىي ماتېرىياللىرىمىزنىڭ ناھايىتى مول ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولساق بولىدۇ، چۈنكى بىز مۇشۇنداق يىغىن ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ تارىخىي ھۈججەتلىرىمىز ۋە ماتېرىياللىرىمىزنى يىغالايمىز، يىغىن ئارقىلىق بىزنىڭ تارىختىكى قەدىمىي شېئىرىيەتچىلىك ئىنتايىن مول ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يىغىنغا گېرمانىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، رۇسىيە، تۈركىيە، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەردىن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 70 تىن ئارتۇق ئالىم ۋە مۇتەخەسسىس قاتناشتى. بىزنىڭ يېتىشىپ چىققان ياشلىرىمىز شۇ ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆپ پايدىلىنىپ، شۇلارنىڭ تەربىيەسىدە يېڭى بىلىملەرنى ئىگەللەپ، بۈگۈنكى كۈندە شۇلار بىلەن بىر قاتاردا ئولتۇرۇپ، مۇھىم تېمىلار ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال. بۇ يىغىن كۆمۈلۈپ ياتقان مىراسلىرىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش، بولۇپمۇ ئېلىمىزدىكى ئوقۇرمەنلەر، تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەرگە نىسبەتەن بىر يېڭى ئويغىتىش، جەلب قىلىش جەھەتتە چوڭ رول ئوينىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. چەتئەللەردە بۇ تەتقىقاتلار بۇرۇنلا باشلانغان، لېكىن دائىرىسى تاراراق، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلغان، بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ بىر يەرگە ئېلىپ كەلسەك، بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك چوڭ ئىش بولىدۇ.»

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

     تەۋسىيە

    ·يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس تەسىرىگە سەل قارىماسلىق كېرەك (1)
    ·2012-يىللىق شىنجاڭ چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانىنىڭ 26-ماددىسىدا ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى بەلگىلەندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋاستىچىلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان پىراكتىكىغ…
    ·مەكتەپلەرنى زىيادە قوشۇۋېتىش باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇشتىن چېكىنىش نىسبىتىنى 10 يىل ئىلگىرىكى ئە…
    ·يۆتكەلگەن يىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا ئالاقىدار كونكرېت سىياسەتلەر بۇ يىلنىڭ ئاخىرىد…
    ·چۇڭچىڭدىكى 10 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇغۇچى تەۋسىيە …
    ·قىرغىزىستاندا 35 جۈپ ياش كوللېكتىپ توي قىلدى (1)
    ·قازاقىستان زۇڭتۇڭى: قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ 
    ·مائارىپ مىنسىتىرلىقى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئىشخانىسى تەسىس قىلدى
    ·قازاقىستاننىڭ كىلەر يىلنىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىدىن ئۈمىد بار