باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنخۇا سۈرەت كارىدورى» ئەزەربەيجان فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى باشلاندى

2012.11.26 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باكۇدىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو-ئەزەربەيجان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنخۇا سۈرەت كارىدورى» فوتو-سۈرەت سەييارە كۆرگەزمىسى 24-نويابىر باكۇ دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتتا باشلاندى.

  سۈرەت كۆرگەزمىسىدە « جۇڭگو ـــ شەرقتىن كەلگەن دوستلۇق» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو-ئەزەربەيجان ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان. كۆرگەزمىگە 60 پارچە رەسىم قويۇلغان بولۇپ، ئۇ جۇڭگو-ئەزەربەيجان رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ قېتىملىق سەييار كۆرگەزمىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى باكۇ تارماق پونكىتى ۋە باكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنىستىتۇتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، جۇڭشىڭ ئالاقىچىلىكى ئەزەربەيجان تارماق شىركىتى ياردەم قىلغان. كۆرگەزمە باكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشقا يەنە ئەزەربەيجان ئاگېنتلىقى، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتىغا بىۋاستە قاراشلىق باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى، ئەزەربەيجان تىل ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەزەربەيجان سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە