باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جۇڭگو كومپارتىيىسى دوستلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2012.11.23 17:01        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئىلاھى 22-نويابىر ئىسلامئابادتا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جۈنرۇ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيىسى دوستلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: پاكىستاندىكى ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى ناھايىتى ياخشى، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى پارتىيىلەر جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىقنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لى جۈنرۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكى، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىگە ئاۋۋالقىدەكلا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە پاكىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپلىك پارتىيىلەر ۋە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە