باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

61 يىل داۋاملاشقان تۆمۈريول مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى توختىتىلىدۇ

2012.11.22 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېلەت تەكشۈرگۈچى بېلىتىڭىزگە «قارس» قىلىپ بىر تۆشۈك تېشىۋەتكەندىن كېيىن، سىزنى كىرگۈزىدۇ... بۇ مەنزىرە پويىزغا ئولتۇرۇپ باققانلارغا ئەسلا ناتونۇش ئەمەس. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇكى، مۇشۇ كىچىككىنە ھەرىكەت تۆمۈريول يولۇچىلار تاسادىپىي زەخمىلىنىش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ ئۈنۈملۈك رايونىغا كىرگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.

  [مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختىتىلىدۇ]

  11-ئاينىڭ 16-كۈنى، گوۋۇيۈەن 628-نومۇرلۇق بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، «تۆمۈريول يولۇچىلار تاسادىپىي زەخمىلىنىش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى، بۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يولۇچىلاردىن ئاساسىي بېلەت باھاسىنىڭ 2 پىرسەنتى بويىچە ئېلىنىدىغان «جىسمانىي جەھەتتىن تاسادىپىي زەخمىلىنىش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ھەققى» ئېلىنمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  1951-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بۇ «نىزام»دا تۆمۈريول يولۇچىلىرىنىڭ تاسادىپىي زەخمىلىنىش سۇغۇرتىسىغا جەزمەن قاتنىشىش كېرەكلىكى، ئاساسىي بېلەت باھاسىىڭ ئىككى پىرسەنتى بويىچە ئېلىنىدىغان سۇغۇرتا ھەققى بېلەت باھاسى ئىچىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 1992-يىلدىن بۇيان، ئورۇن دەرىجىسى قانداق بولۇشىدىن، مەيلى پۈتۈن بېلەت، يېرىم بېلەت بولۇشىدىن ياكى بېلەت ئېلىنمايدىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۆلەم جاۋابكارلىقىنىڭ سوممىسى بىر ئادەمگە 20 مىڭ يۈەن بولۇپ كەلگەن.

  گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىدا يەنە «تۆمۈريول قاتناش ھادىسىسىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نىزامى»نىڭ 33-ماددىسىنى چىقىرىۋېتىش بەلگىلەندى. بۇ ماددىدا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى ئۆلۈش-يارىلىنىشقا دۇچار بولغان ھەربىر يولۇچىغا بېرىدىغان تۆلەمنىڭ يۇقىرى چېكى 150 مىڭ يۈەن، يولۇچىلار يېنىدا ئېلىپ ماڭغان يۈك-تاقنىڭ زىيان زەخمىتىگە بېرىلىدىغان تۆلەمنىڭ يۇقىرى چېكى 2000 يۈەن بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكى تۆلەم يۇقىرى چېكىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە