باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆپكە راكى قاتارلىق 20 خىل چوڭ كېسەلنى داۋالىتىش راسخوتىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ

2012.11.21 15:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 15-نويابىر مەملىكەتلىك يېزا ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ كېسەللەرنى داۋالىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بالىلار ئاق قان كېسەللىكى، ئاخىرقى باسقۇچتىكى بۆرەك كېسەللىكى، ئۆپكە راكى قاتارلىق 20 خىل چوڭ كېسەللىكنى داۋالىتىش سۇغۇرتىسىنى «ئاتچوت» قىلىش نىسبىتى بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدىكەن. يېڭىچە يېزا داۋالىنىش سۇرغۇرتىسى، چوڭ كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ قاتلىنىشى بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن يېزا ئاھالىلىرى ئائىلىلىرىدە كۆرۈلىدىغان ئاپەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالىتىش چىقىمىدىن ئۈنۈملىك ساقلىنالايدىكەن.

  سەھىيە مىنىستىرى چېن جۇ 15-نويابىر ئېچىلغان يىغىندا مۇنداق دېدى: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى بالىلار ئاق قان كېسەللىكى، تۇغما يۈرەك كېسەللىكىنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە ھەققىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ ئاخىرقى باسقۇچتىكى بۆرەك كېسەللىكى، ئاياللار ئەمچەك راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى، ئېغىر روھى كېسەللىك، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ پۇرسەت خاراكتېرلىق يوقۇشى، كۆپ خىل دورىغا چىداملىق ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىق ئالتە خىل كېسەللىكنى داۋالاشقا كاپالەتلىق قىلىش خىزمىتى ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ ئۆپكە راكى، قىزىل ئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، تۈز ئۈچەي راكى، سوزۇلما خاراكتېرلىك دانىچە ھۈجەيرە ئاق قان كېسەللىكى، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسى، قاناشقا مايىللىق كېسەللىكى، Ι تىپلىق دىيابىت كېسەللىكى، قالقانسىمان بەز كېسەللىكى، توشقان كالپۇك قاتارلىق 12خىل كېسەللىكنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش سىناق نۇقتىسى خىزمىتى ئومۇمىيۈزلۈك قاتات يايدۇرۇلىدۇ. پرىنسىپ جەھەتتە، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك تۈرلىرىگە بېرىدىغان ئەمەلىي تولۇقلىما نىسبىتى مۇشۇ ئۆلكىنىڭ بېكىتكەن راسخوتىنىڭ %70 كە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېببىي داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى چوڭ كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسىنى سىناق قىلىش بىلەن تۇتاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ھەرقايسى جەھەتلەرنىڭ مەبلىغى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ ئەمەلىي داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

  2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە بالىلار ئاق قان كېسەللىكى، تۇغما يۈرەك كېسەللىكى ۋە ئاخىرقى باسقۇچتىكى بۆرەك كېسەللىكى قاتارلىق چوڭ كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولۇپ داۋالانغانلار جەمئىي 230مىڭ نەپەردىن ئاشتى. بۇيىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە 650 مىڭدىن ئارتۇق كېسەل يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چوڭ كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى ھەمدە مۇناسىپ تولۇقلىمىغا ئېرىشتى. بالىلار تۇغما يۈرەك كېسەللىكى، ئاق قان كېسەللىكىگە بېرىلىدىغان ئەمەلىي تولۇقلىمىنىڭ نىسبىتى ئايرىم ھالدا %77 ۋە %74گە، ئاخىرقى باسقۇچتىكى بۆرەك كېسەللىكى قاتارلىق 6 خىل كېسەللىككە بېرىلىدىغان ئەمەلىي تولۇقلىما نىسبىتى %67گە، ئۆپكە راكى قاتارلىق 12 خىل يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كېسەللىكىگە بېرىلىدىغان ئەمەلىي تولۇقلىما نىسبىتى %59 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جياڭشى قاتارلىق بىر قىسىم ئۆلكىلەر قىسمەن چوڭ كېسەللىكلەرگە قارىتا ھەقسىز داۋالاش-قۇتقۇزۇشنى يولغا قويۇپ داۋالىنىش راسخوتىنى تولۇق ياكى كۆپ مىقداردا ئاتچوت قىلىشنى يولغا قويدى يەنە بىر قىسىم ئۆلكىلەر كېسەللىك تۈرلىرىنى كۆپەيتكەچكە، باشقا ھەرخىل چوڭ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان 100مىڭغا يېقىن كىشى تولۇقلىمىغا ئېرىشىپ، ئەمەلىي تولۇقلىما بېرىش نىسبىتى %65كە يەتتى. بارغانسېرى كۆپلىگەن ئېغىر كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار نىسبەتەن يۇقىرى نىسبەتتىكى ئاتچوت قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغاچقا، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى ھەقىقىي يېنىكلىدى.

  چېن جۇ يىغىندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار يېزا ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كېلىنكىلىق يوللارنى يولغا قويۇپ داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى قاتات يايدۇرۇپ، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، فوندتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ كېسەللىكلەرنى داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ مەركەزلەشتۈرۈپ خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورا ۋە خوراش ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەننەرخ چىقىمىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە