باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ ھىندىستانىڭ باش مىنىستىرى سىنگى بىلەن كۆرۈشتى

2012.11.20 16:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ شۇ يەر ۋاقتى 19-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن كامبودژانىڭ پايتەختى فىنومپىندا ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنگى بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئۆزئارا چېگرىلىنىدىغان مەدەنىيەتلىك قەدىمى دۆلەت بولۇش بىلەن بىرگە گۈللىنىش يولىدا ماڭماقتا، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور. بۇ جەرياندا، ئىككى دۆلەت تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت كۈندىن كۈنگە قويۇقلاشتى، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتى، چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان سىياسىي يېتەكچى پرىنسىپنى بېكىتتى، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدى؛ ئىككى تەرەپلىك سودىسى تېز ئاشتى، ئەلئارا باردى كەلدىسى جانلاندى، زور خەلقئارالىق ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قول تۇتۇشۇپ مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغدىدى. بۇ مۇھىم نەتىجىلەر ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ۋېن جياباۋ: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى كېرەك دېدى.

  سىنگى ئالدى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، سۆزلىشىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، ھەمكارلىق ساھەلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدا زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى. ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بىرگە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. (تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا )

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە