باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى

2012.11.20 16:38        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: تۈنۈگۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى ئورگىنى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ــ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بولۇپمۇ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى نۇقتىنەزىرى، يېڭى تەلىپى، يېڭى تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاشنى چۆرىدەپ، ئاممىۋىي نۇقتىنەزەر ، ئاممىۋى مەيدان تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يېزىقچىلىق ئىستىلى، يىغىن ئىستىلىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۆزگەرتىپ، ھەشەمەتچىلىك، بۇزۇپ چېچىش قاتارلىق ناچار ئىستىلنى كۈچەپ تۈزەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىلنى ئەستايىدىل ئۆزگەرتىش لازىم، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ قوللىنىش، ئالدىنى ئېلىشقا ئېتىبار بېرىش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىرىكىلىكنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، كادىرلار پاكلىقى، ھۆكۈمەت پاكلىقى ۋە سىياسىي ئېنىقلىقتىن ئىبارەت نىشان تەلەپلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىكنى ساقلاشقا يېتەكلەپ، مەركەزنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جاۋ خوڭجۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}