باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئالەم ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى غەلبىلىك ئاياغلاشتى

2012.11.19 16:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئالەم ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن غەلبىلىك ئاياغلاشتى.

  كۆرگەزمە ئېچىلغان ئالتە كۈندە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نەچچە ئون ئايروپىلانى تاماشىبىنلارغا نەچچە مەيدان قالتىس ئويۇن كۆرسەتتى.

  كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئىچىمۇ ناھايىتى قالتىس بولۇپ، كۆپلىگەن ئىلغار قورال ياراقلار، خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئالەم ئاۋىياتسىيە مەھسۇلاتلىرى بىرىنچى قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، كۆرگەزمە كۆرگەن تاماشىبىن 338 مىڭغا يەتتى، جۇڭگو ۋە چەتئەلدىكى 650تىن ئارتۇق ئالەم ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى قاتناشتى، كۆرگەزمە قىلىنغان ھەر خىل تىپتىكى ئايروپىلان 113كە يېتىپ، سان جەھەتتە ئىلگىرىكى كۆرگەزمىلەردىن كۆپ بولدى، ئېلىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان سۈنئىي ھەمراھ، راكېتا، چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانلار ئارقا-ئارقىدىن خەلقئارالىق چوڭ توختاملارغا ئېرىشتى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە زاكاز ئومۇمىي سوممىسى 11 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكى 9 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مۇناسىۋەتلىك خەۋەر

  جۇخەي ئاۋىياتسىيە كۆزگەزمىسىگە نەزەر

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە