باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جاباۋ 15-قېتىملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنغا قاتناشتى

2012.11.20 16:39        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى15-قېتىملىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى 19-نويابىر كامبودژانىڭ پايتەختى پىنومپىندا ئۆتكۈزۈلدى. زۇڭلى ۋېن جاباۋ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى يىغىنغا قاتناشتى. ۋېن جاباۋ بىلەن كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسىن يىغىنغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ۋېن جاباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، يېڭى مۇھىم ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى. كېيىنكى باسقۇچتا ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ئالاقە، ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قۇيۇقلاشتۇرۇشى لازىم.

  ۋېن جاباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 20 نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش پارلاق يولىغا ماڭدى. بىز تارىخىي تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇشىمىز، ئورتاق مەنپەئەتنى مۇھىم بىلىشىمىز، توغرا يۆنىلىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ۋېن جاباۋ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشىنىش، دوست قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇش؛ 2- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى قوللاپ، ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ، بىرلىشىپ قۇدرەت تېپىش؛ جۇڭگو زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپلا قالماستىن، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ياكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رايون ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىۋېلىشىغىمۇ قارىشى تۇرىدۇ. 3- مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كېلىش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش روھىي ئاساسىدا، ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداش لازىم. 4- جاپا مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىغا تاقابىل تۇرۇش. بىز تۈرلۈك كاشىلىلارنى يوقىتىپ، شەرقىي ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

  يىغىنغا قاتناشقان باشقا رەھبەرلەر: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى- مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم، دەپ ھېسابلىدى.

  يىغىندا يەنە «جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئالاقىدار تەرەپلەر ھەرىكىتى خىتابنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش بىرلەشمە باياناتى ئىمزالاندى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە