باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى شاڭخەي ساياھەت-سودا كۆرگەزمىسىدە چاقنىدى

2012.11.19 17:07        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:«غەربىي دىيارغا مۇھەببەت، گۈزەل شىنجاڭ»بۇ قېتىمقى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 2012-يىلى جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت-سودا كۆرگەزمىسىدىكى شۇئارى. 15-نويابىر 2012-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت-سودا كۆرگەزمىسى شاڭخەي خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيى بىلەن دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كۆرگەزمە سارىيى ئوخشاش بىر كۆرگەزمە ئورنىغا جايلاشقان. تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىشكە جەلپ قىلىش شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشتىكى نىشانى.

  شىنجاڭ چەت ئەل خەلقئارا ساياھەتچىلىكى، شىنجاڭ غەربىي قىسىم خەلقئارا ساياھەتچىلىكى، كاڭخۇي خەلقئارا ساياھەتچىلىكى، غەربىي يۇرت خەلقئارا ساياھەتچىلىكى، مىللەتلە مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەتچىلىكى، تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەتچىلىكى، جۇڭگو ياشلىرى ساياھەتچىلىكى، بىڭتۇەن ياشلىرى ساياھەتچىلىكى قاتارلىق شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى زور بولغان ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆمەك ئەۋەتىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  2012-يىلى شىنجاڭدىن جەمئىي 28 ئورۇن بۇ نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا ساياھەت-سودا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىكى ساياھەت ئىدارىلىرىدىن 10 ى، شىنجاڭدىكى باشلامچى ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن 12 سى، داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىن تۆتى، يۇلتۇر دەرىجىلىك مېھمانسارايلاردىن ئىككىسى بار. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە جەمئىي 260 كىشى بولۇپ، 28 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان. بۇ يېقىنقى نەچچە يىلدا قاتناشقان ئادەم سانى نىسبەتەن كۆپ، تەسىس قىلىنغان كۆرگەزمە ئورنى نىسبەتەن كۆپ بولغان بىر قېتىملىق كۆرگەزمە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە