باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2012.11.19 16:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ بىر ئەمەلدارى 17- نويابىر، خاماس رەھبەرلىك قاتلىمى ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، دېدى.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: خاماس ئىسرائىلىيەدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىدە يېزىقاكى كېلىشىم ئىمزالاشنى تەلەپ قىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ 2007-يىلىدىن بۇيانقى گازانى قامال قىلىشنى تۈگىتىش، گازانىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق، خاماس رەھبەرلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىش بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىنىدۇ.

  بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: خاماس مىسىر، تۈركىيە، قاتار ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خاماس ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى شەرتكە قوشۇلۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە