باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2012.11.19 16:53        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 17- نويابىر قاھىرەدىكى باش ئورگىنىدا ئالاھىدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى مۇنداق دېدى: يىغىندا مېنىڭ باشچىلىقىمدىكى مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇرۇپ، يېقىنقى مەزگىلدە گازا رايونىغا زىيارەتكە بېرىپ، شۇ يەردىكى خەلققە ياردەم بېرىش قارار قىلىندى. مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېچىۋىتىلگەن بولىدۇ. ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى گازا رايونىغا بىرلىكتە بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  يىغىندا يېرۇسالېمنىڭ ئەرەبلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى، ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى. ئىسرائىلىيەدىن پەلەستىننىڭ ئىگىلىۋېلىنغان زېمىنىدا يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشنى دەرھال توختىتىش، قاماقتىكى پەلەستىنلىكلەر ۋە ئەرەبلەرنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 14-نويابىر باشلىغان گازا رايونىغا داۋاملىق ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە پەلەستىنلىك 40 كىشى قازا قىلغان. يارىلانغانلار 350 دىن ئاشقان.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە