باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى ۋېن جاباۋ يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى جون.كىي بىلەن كۆرۈشتى

2012.11.20 16:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرىگوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جاباۋ 19-نويابىر پىنومپىندا يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى جون.كىي بىلەن كۆرۈشتى. ۋېن جاباۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن يېڭى زېللاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق راۋاجلاندى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-يېڭى زېللاندىيە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بېكىتتى ھەمدە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قۇدرەتلىك كۈچ قوشتى. جۇڭگو يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭى زېللاندىيە بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-يېڭى زېللاندىيە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە رايون ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو يېڭى زېللاندىيە تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ ھەمدە يېڭى زېللاندىيەنىڭ جۇڭگودا بازىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىنى قارىشى ئالىدۇ.

  جون.كىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-يېڭى زېللاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. يېڭى زېللاندىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە