باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا بېلەت تاشلاش باشلاندى، يېڭى زۇڭتۇڭ بۈگۈن بارلىققا كېلىدۇ

2012.11.07 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ تەخمىنەن 150 مىليون سايلىغۇچىسى بار. بېلەت تاشلاش ۋاقتى بىر كۈن بولۇپ، زۇڭتۇڭ سايلاپ چىقىلغاندىن باشقا، يەنە دۆلەت مەجلىسىنىڭ 468 ئەزاسى ۋە 11 ئىشتات باشلىقى سايلىنىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى بويىچە 6-چېسلا سەھەر سائەت نۆل (بېيجىڭ ۋاقتى 6-چېسلا سائەت 13)دىن ئاشقاندا، ئامېرىكنىڭ يېڭى خامپشىر ئىشتاتى دىكىسۋېل تېغى ئېغىزىدىكى سايلىغۇچىلار ئەڭ ئاۋۋال بېلەت تاشلاشقا باشلىدى، بۇ تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش ھالقىسىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى بېلەت تاشلاش ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى بويىچە 6-چېسلا چۈشتىن بۇرۇندىن تارتىپ شۇ كۈنى ئاخشامغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن ماساچۇستا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى رۇمنېينىڭ ئىچىدىن بىرى ئامېرىكىنىڭ 57-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلىنىدۇ. بېلەت سانىنى جەملەش خىزمىتىگە كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزۇنراق بولسىمۇ، لېكىن سايلامنىڭ نەتىجىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بېلەت تاشلاش پونكىتلىرىنىڭ نەتىجىسى 6-چېسلا يېرىم كېچىدە (بېيجىڭ ۋاقتى 7-چېسلا چۈشتە) چىقىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە