باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى نىمە ئۈچۈن 6 خوتۇن ئالالايدۇ؟(1)

2012.11.07 09:02        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى دېلامىنى زۇما ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى ئايال رەئىسى، شۇنداقلا ئافرىقىلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئىقتىدارلىق ئايال. ھالبۇكى بۇندىن بۇرۇن ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتىنى كىشىلەر تېخىمۇ پىششىق بىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇ ھازىرقى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پرېزىدېنتى ياقۇپ زۇمانىڭ بۇرۇنقى خوتۇنى.

  ياقۇپ. زۇما 6 قېتىم توي قىلغان ھازىر ئۇنىڭ 4 خوتۇنى بار

  جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى زۇما تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر ئۇنىڭ 6 قېتىم توي قىلغانلىقىنى ئەسلىشىدۇ. بۇ يىل 4-ئايدا، 70 ياشلىق پىرېزىدېنت 6-قېتىم توي قىلدى، ئۇ تۇنجى خوتۇنى دېلامىنى زۇما بىلەن ئاجراشقان، 2- خوتۇنى كەيتې مانكو ئۆلۈۋالغاندىن باشقا، زۇمانىڭ ھازىر يەنە 4 خوتۇنى بار. گەرچە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ قانۇنىدا كۆپ خوتۇن ئېلىشقا يول قويۇلسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتتىكى رەھبەرلەر ئىچىدە بۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئىش، ھەتتا بەزى غەرب ئەللىرى بۇنى چۈشۈنۈپ كەتمەيدۇ.

  2010-يىلى دائوس يىغىنىدا بىر غەربلىك مۇخبىر نەق مەيداندا بىر ئەر كۆپ خوتۇن ئېلىش تۈزۈمى مەدەنىيەتنىڭ چېكىنگەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ قانداق؟ ئەر- ئاياللارنىڭ باراۋەر ئەمەسلىكىنى گەۋدىلەندۈرەمدۇ يوق دەپ سورىغاندا زۇما بۇنىڭغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان چۈشەنچىسى ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى باشقىلارنىڭكىدىن ئېسىل دەپ قارايدۇ، مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە. زۇما ئاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بىر ئەر كۆپ خوتۇن ئېلىش تۈزۈمى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، لېكىن بۇ مېنىڭ سىياسىي ئېتىقادىم بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ، شۇنداقلا مېنىڭ ئەر -ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشۇمنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

  مۇخبىر ئاياللىرىڭىز باراۋەر سۆيگۈگە ئېرىشەلەمدۇ يوق دەپ سورىغاندا، زۇما مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ، ھەممىسى مۇتلەق باراۋەر، نەق مەيداندىكىلەر بۇ گەپتىن كۈلۈپ كەتتى.

  زۇما جەمەتىدە ئاياللار كۆپ

  ئەمەلىيەتتە زۇمانىڭ كۆپ خوتۇنى بولۇشى ئۈستىدە توختالغاندا، گەپنى ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئەنئەنىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  زۇما زۇما جەمەتىدىن كەلگەن، زۇما جەمەتى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ قارا تەنلىكلەر قەبىلىسى بولۇپ، نوپۇسى ئون مىليونغا يېقىنلىشىدۇ، ئاساسلىقى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كۇۋازۇلۇ-ناتال ئۆلكىسىدە ياشايدۇ. زۇما جەمەتى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەڭ قەھرىمان ئۇرۇشقا ماھىر ئىرق دەپ قارلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى تېرە ۋە يۇڭدىن ياسالغان پەرتۇق كىيىدۇ، بوينىغا رەڭلىك مارجان ئېسىۋالىدۇ، قولىدا دائىم قالقان ۋە نەيزە ئېلىپ يۈرىدۇ.

  توي قىلمىغان قىزلار دائىم ئۆت يوپكا ۋە مارجانلىق يوپكا كىيىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستى قىسمىغا كىيىم كىيمەيدىغان ئادىتى بار، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توي قىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. نۇرغۇن قەبىلىلەرگە ئوخشاش ئۇلار ئوخشاش قەبىلىدىكىلەر بىلەن توي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە