- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شەھەر بازار ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تولۇقلىمىسى ئاجرىتىلدى
2012.11.07 08:45
مۇخبىرنىڭ 5- نويابىر مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2013-يىللىق شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتىسى تولۇقلىما مەبلىغى خامچوت كۆرسەتكۈچىگە مۇددەتتىن بۇرۇن 20 مىليارد 38 مىليون يۈەن، 2013-يىللىق يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش تولۇقلىما خامچوت كۆرسەتكۈچىگە 97 مىليارد 8 مىليون يۈەن ئاجراتقان. بۇ پۇل مەملىكەت بويىچە شەھەر يېزىلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاھالىلەرگە تولۇقلىما قىلىپ بېرىلىدىكەن. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: بۇ تولۇقلىما مەبلىغى ئاساسلىقى جايلارنىڭ خامچوتتىكى مەبلەغنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، 2013-يىللىق شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە