باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەن مەسىلىسى تولىمۇ مۇھىم، ئۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك(1)

2012.11.07 08:51        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭدىن 12 يىل ئىلگىرى چېن شۈيبيەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى تەدرىجىي خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، تەيۋەن بوغۇزىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. 12 يىلدىن كېيىن ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ياخشىلاندى.

  نېمە سەۋەبتىن تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىدە تارىخىي بۇرۇلۇش بولدى؟ نېمە سەۋەبتىن ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلدى؟ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتلار دەل بۇنىڭغا جاۋاب بەردى

  دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور تارىخىي پەيتتە، يولداش خۇ جىنتاۋ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسى ۋە بىر قاتار سىياسەت، تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى كۈرەشتە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

  بۇ تەيۋەننىڭ بەختى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەختى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بەختى.

  «دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى جۇڭگولۇقلار ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە پاراسىتىگە ئىگە.»

  خۇ جىنتاۋ 1949-يىلىدىن كېيىن ئىككى قىرغاقتىكىلەر نەچچە ئون يىل تىركەشتى، تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلار، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئازابلىق جاراھەتكە ئايلاندى. بۇ جاراھەتنى ساقايتىپ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ تىنچلىق شەكلى ۋە تىنچلىقتىن باشقا شەكىلدىن ئىبارەت ئىككىلا يولى بار ئىدى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى 1-ئەۋلاد مەركىزىي رەھبەرلىك كوللېكتىپى «تەيۋەننى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن «بىر تۇتقا، تۆت نىشان»دىن يې جيەنيىڭنىڭ «توققۇز ماددا»سىغىچە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» فاڭجېنىدىن يولداش جياڭ زېمىن ئېلان قىلغان سەككىز تەشەببۇسقىچە پارتىيەنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي رەھبەرلىك كوللېكتىپى تەيۋەن خىزمىتىنىڭ زور سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى تەدرىجىي بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋەزىيىتى 1987-يىلى بۇزۇپ تاشلاندى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار 38 يىل ئايرىلىپ تۇرغاندىن كېيىن بېرىش-كېلىش قىلىشقا باشلىدى. دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەر مۇناسىۋىتى جەمئىيىتى بىلەن تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى فوندى جەمئىيىتى 1992-يىلى «1992-يىل ئورتاق تونۇشى» ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئىككى جەمئىيەتنىڭ سۆھبىتى ۋە كېڭىشىشى باشلىنىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بېرىش-كېلىشى تەدرىجىي قويۇقلاشتى.

  كىشىلەر ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقاندا، لى دېڭخۇي 1995-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. 1999-يىلى 7-ئايدا «ئىككى دۆلەت نەزەرىيەسى»دىن ئىبارەت بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىككى جەمئىيەتنىڭ سۆھبەت مۇساپىسىگە تەكرار بۇزغۇنچىلىق قىلدى. 2005-يىلى 5-ئايدا «تەيۋەن مۇستەقىللىقى پارتىيە پىروگراممىسى»نى تەشەببۇس قىلىدىغان دېموكراتىيە-تەرەققىيەت پارتىيەسى تەختكە چىقتى، چېن شۈيبيەن ئۇزاق ئۆتمەي «بىر تەرەپ، بىر دۆلەت» نەزەرىيەسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتى يەنە پەسكويغا چۈشۈپ قالدى.

  ئەينى ۋاقىتتا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان چېن يۈنلىن: «چېن شۈيبيەن 2004-يىلى قايتا سايلانغاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن <ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش>، <ب د ت غا ئەزا بولۇشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش> ئارقىلىق <تەيۋەننى قانۇن جەھەتتىن مۇستەقىل قىلىش> يولىنى تۇتتى، <تەيۋەن مۇستەقىللىقى>نىڭ رېئال خەۋپى روشەن كۈچەيدى» دېدى.

  تەيۋەن ئاچالغا دۇچ كەلگەن، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتى خەتەرگە يولۇققان جىددىي پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر تەرەپتىن «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەشەببۇس قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەرنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، «جۇت-تۇمانلاردىن قورقماي، يىراققا نەزەر تاشلاپ»، تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەي، تەيۋەندىكى ئاساسلىق پارتىيە ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ھاسىل قىلغان «1992-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرىدىغان، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەشەببۇس قىلىدىغان بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرىدىغان، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئورتاق كۈچنى شەكىللەندۈردى.

  باش سېكرېتار خۇ جىنتاۋ: «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت زور پىرىنسىپال مەسىلىدە ئارىسالدى بولۇشقا، بىخودلۇق قىلىشقا، يول قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ» دېدى. ئۇ: بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرىمىز، تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز، تەيۋەن خەلقىگە ئۈمىد باغلاش فاڭجېنىمىزنى قەتئىي ئۆزگەرتمەيمىز، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتا قەتئىي مۇرەسسەلەشمەيمىز، دەپ كەسكىن تەكىتلىدى.

  چېن يۈنلىن: «مەركەز <قانۇن جەھەتتىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقى>غا قارشى بىرقاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قەتئىي زەربە بەردى ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك چەكلىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر خىزمەت شۇكى، 2005-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا <دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى> كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى» دېدى.

  بۇ مۇھىم قانۇن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش جەھەتتىكى ئەڭ زور سەمىمىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ تەيۋەننى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغان ئورتاق ئارزۇسى شۇنداقلا قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە كۈچلۈك تەھلىكە بولدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە