باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قازاقىستانلىق ئايال زاھىت «قان قىلىش» مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2012.02.17 13:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



  قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان تۇتاشقان چېگرىدىكى ئۇڭگۇرتاس دېگەن كەنتكە تۈركىيەدىن كەلگەن ئاپاشكا ئىسىملىك بىر شامان دىنى راھىبەسى ئىلاھىي ۋەھيى بويىچە سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئالاھىدە بىر تاغ گەۋدىسىنى تاپقان. ئېيتىلىشىچە، بۇ تاغ گەۋدىسى شىپالىق ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن. بۇ راھىبە ئاشۇ جايدا ۋاقىتلىق تۇرالغۇ بەرپا قىلىپ، پۇرىتان قوبۇل قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەردىكى پۇرىتانلار دېھقانچىلىق مەيدانى بەرپا قىلىپ، تاغقا چىقىدىغان پەلەمپەي ياسىغان.

  بۇ موماي ئىسلام دىنى سوپىزم سۈلۈكىنىڭ مۇرىتى بولۇپ، ئۆزىنى قازاقىستاندىكى ئەڭ ئاخىرقى ئايال زاھىت، دەپ ئاتىۋالغان. قازاقىستاننىڭ شەھەرلىرىدىكى كىشىلەر، شۇنداقلا رۇسىيە، ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن كىشى ئۇنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن. بۇ موماي دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە، قوي بوغۇزلاپ، قوينىڭ قېنىنى يالىڭاچ بەدەنگە ئېقىتىدىكەن ياكى مالنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن قېنىنى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىگە ۋە پۇت ـ قوللىرىغا سۈرۈپ قويىدىكەن.بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى تۇرمۇش ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، كىشىلەر ھەر كۈنى قەسىدە ئوقۇيدىكەن، دەريادىن سۇ ئېلىپ، ئوچاقلىرىنى تازىلاپ ئوت ياقىدىكەن، ئاندىن ماللىرىنى توقلايدىكەن. ئاياللار تاماق ئېتىش، تازىلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىكەن.

1】  【2】  【3】  【4】  【5】  【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە