باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پايانسىز دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش

‐‐ پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش خاتىرىسى

2012.11.06 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مىسلىسىز خىرىس ۋە پۇرسەت، مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  بۇ 10 يىل ‐‐ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشقان؛ خىرىسقا يۈزلىنىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يېڭى باسقۇچقا كىرگۈزگەن؛ ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇڭگو جەمئىيىتىدە يېڭى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلتۈرگەن 10 يىل بولدى.

  تەرەققىيات ‐‐ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. ئون يىلدىن بۇيان، مۇنداق بىر باش تېما بارلىق خىزمەتلەرگە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلدى: تارىخىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئىستىراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، جان-دىلىمىز بىلەن تەرەققىياتنى كۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تېخىمۇ داغدام قىلىش. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە