باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا 18-قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرگە يىغىن ئېچىلدى

2012.11.05 15:46         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىش بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى 4-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ، ئۈرۈمچى، 4-نويابىر خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىش بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى 4-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋەكىللەرنى پارتىيە نىزامنامىسى ، مۇھىم يېتەكچى پىرىنسىپ ، سىياسەت ۋە ئاساسىي ۋەزىپىلىرىنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە ، ۋەكىللىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ ، بۇرچنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە ۋەكىللىك رولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تەشكىللىدى .

  ئەركىن ئىمىرباقى ، خەن يۇڭ ، خۇاڭ ۋېي ، نۇرلان ئابىلمەجىن ، جۇ خەيلۈن ، بەي جىجيې ، ئەركىنجان تۇراخۇن ، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى .

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ، سىرتتىن قاتناشقانلار ، خىزمەتچىلەردىن بۇرچىنى ئادا قىلىشقا قارىتا ئۈمىد ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇ مۇنداق دېدى : ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 1-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 360 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزالىرى ۋە 22 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇھىم ھاۋالىلىرىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ ، مەسئۇلىيىتى ئېغىر .

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي ۋەكىللەرگە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، باش كاتىپ بەي جىجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە