باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيەسى ئورگىنى: ئىران بۇ ئورگان بىلەن يادرو قوراللىرىنى تەكشۈرۈشكە ماسلاشمايۋاتىدۇ

2012.11.07 08:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيەسى ئورگىنى 5-نويابىر مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ توسقۇنلۇق قىلىش تۈپەيلى، بىز ھازىرغىچە ئىراندا يادرو قوراللىرىنىڭ بار-يوقلىقى ياكى تەتقىق قىلىۋاتقان قىلمايۋاتقانلىقىنى تەكشۈرەلمىدۇق.

  خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يۇكىيا ئامونو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىران ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشكە ماسلاشماي كەلدى. ئىشەنچىلىك ئاخباراتقا قارىغاندا، ئىران يادرو پارتلىتىش ئۈسكۈنىلىرىغا ئالاقىدار تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان.

  يۇكىيا ئامونو شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئاخباراتنىڭ ئىشەنچىلىكىنى تەكشۈرمەكتە. مەن ئىلگىرى ئىراننىڭ بۇنى ئېنىقلىشىنى تەلەپ قىلغان، بىراق ئىران بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  شۇ كۈنى، ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۇكىيا ئامونو ئېيتقان ئاخباراتنى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە تەمىنلىگەن، بۇ ئاخبارات ئىشەنچىسىز، شۇڭا ئىران بۇنى ماقۇللىمىدى دېدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە