- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ئەربابلار 18-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى تىلەكداشلىق بىلدۈردى
2012.11.07 09:58
جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى 8-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن جەمئىيىتى بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەر ۋە ئېلېكتىرونلۇق تاراتقۇلار دىققەت نۇقتىسىنى 18-قۇرۇلتايغا قاراتتى، ئۇقۇمۇشلۇق ئەربابلار 18-قۇرۇلتاينىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئالدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى دۆلەتكە يېڭى كەيپىيات، يېڭى روھ ئېلىپ كېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرىدۇ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە