باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(1)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەھرىر ئىلاۋىسى:

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى «پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نى تۈزۈپ چىقتى. پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ھەم مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. «چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»دە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بەش يىلدىن بۇيان باسقان شانلىق مۇساپىسى ۋە ئېرىشكەن ئالەمشومۇل نەتىجىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلدى.


  2007-يىلى

  10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتايغا مەملىكەتتىكى 73 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ۋاكالىتەن 2213 رەسمىي ۋەكىل، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان 57 ۋەكىل قاتناشتى. خۇ جىنتاۋ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. قۇرۇلتايدا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش داۋامىدا قولغا كەلگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەر يەكۈنلەندى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش تەكىتلەندى؛ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەنىسى، مەنىۋى ماھىيىتى ۋە تۈپ تەلىپى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەندى؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانى توغرىسىدا يېڭى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ قۇرۇلتايدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى) توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى. قۇرۇلتايدا ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى بىلەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى.

  10-ئاينىڭ 22-كۈنى ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى سايلاپ چىقىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. خۇ جىنتاۋ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى؛ خۇ جىنتاۋنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى قىلىپ سايلاش قارار قىلىندى؛ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرى ماقۇللاندى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ نامزاتى تەستىقلىنىپ، خې گوچياڭ شۇجىلىققا سايلاندى.

  10-ئاينىڭ 22-كۈنى ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا خې گوچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى سايلىنىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى.

  10-ئاينىڭ 23-كۈنى ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1-يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى توپلاپ پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش تەلەپ قىلىندى.

  10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاينى ئايلىنىپ چارلاش سۈنئىي ھەمراھى − «ئاي پەرىسى-1» تىپلىق سۈنئىي ھەمراھ ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىلدى، جۇڭگو دۇنيادىكى ئالەم بوشلۇقىنى چارلاش ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئاي پەرىسى-2» تىپلىق ئاينى ئايلىنىپ چارلاش سۈنئىي ھەمراھى ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىلدى.

  11-ئاينىڭ 15-كۈنى گوۋۇيۈەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىنى ئۆلچەملىك ۋاقىت نۇقتىسى قىلىپ بەلگىلەپ 2-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى، 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تەكشۈرۈشكە دائىر مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى.

  11-ئاينىڭ 17-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى ئىستاتىستىكا قىلىش، نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ۋە باھالاشنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە چارىسىنى تەستىقلاپ چۈشۈرۈپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش ۋە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمىنى كەسكىن ئىجرا قىلىشنى يولغا قويدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە