باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم 18-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالدى

2012.11.07 09:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى خۇشاللىق تولغان تۈرلۈك شەكىللەردىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالدى.باش ئىشتاب، باش سىياسىي بۆلۈم، باش ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمى، باش قورال-جابدۇق بۆلۈمى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، 2-توپچىلار قىسمى، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شېنياڭ، بېيجىڭ، لەنجۇ، جىنەن، نەنجىڭ، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ ھەربىي رايونلىرى ھەم قوراللىق ساقچى قىسىم «18-قۇرۇلتاينى خۇشاللىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىش، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى.

  پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇدى. قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تيەنئەنمېندىكى دۆلەت بايرىقىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ئۇسسۇل، ناخشا قاتارلىق نومۇرلار ئارقىلىق، پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىرون پېنى ۋە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي جىڭگاڭشەنگە بېرىپ، پېشقەدەم كوممۇنىستلارنىڭ ئىنقىلاب يولىدىكى جاپالىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ، قىزىل مەدەنىيەتنىڭ تاۋلىشى ئارقىسىدا پارتىيەنىڭ گېپىنى ياخشى ئاڭلاپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە