باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتاينى خۇشال خۇرام كۈتۈۋالايلى

2012.11.07 09:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا كىشىلەر ھەدەپ پارتىيەگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمەكتە.

  شىزاڭنىڭ سازى ناھىيەسى باگاشۆ كەنتىدە 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى لابا بېيجىڭغا مېڭىشتىن بۇرۇن كەنتتىكى يۇرتداشلىرى پەقەت بايراملاردىلا كىيىدىغان چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئارپا ھارىقىنى ئېلىپ، ناھىيەگە يېتىپ بېرىپ، لاباغا خادا تەقدىم قىلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى.

  كاڭبا رايونىدىكى زاڭزۇ چارۋىچىلىرىنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش پائالىيىتى، خېيلۇڭجياڭ دېھقانلىرىنىڭ 18-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش، يېڭى تۇرمۇشنى مەدھىيەلەش كۆرىكىدە چارۋىچىلىق تەرەققىياتى، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ئاساسىي تېما قىلىندى. ئەنخۇينىڭ ئەنچىڭدىكى خۇاڭمېي ئەلنەغمە سەنئەت بايرىمىدا ئەنئەنىۋىي، داڭلىق ناخشىلار قايتا ئېيتىلىپ، كىشىلەر قەلبىدىكى شادلىق ھېسسىياتى ئىپادىلەندى.

  خېبېي ئۆلكىسى شىجۇاجياڭ شەھەر ئاھالىلىرى سەنئەت تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ناخشا ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىپادىلىدى، گۇاڭدۇڭنىڭ ئېنپىڭدىكى يېزا قىشلاق كېچىلىكىدە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يەنبيەن ئوبلاستىدىكى چاۋشيەنزۇ بوۋاي مومايلار دۇمباق ئۇسۇلى ئارقىلىق پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى، جياڭشىنىڭ شىنگەن ناھىيەسىدە بېيىغان دېھقانلار 18 پۇتلۇق ئەجدىھا ئويۇنىنى قويدى.

  شەنشىنىڭ شىئەندىكى ئەدەبىيات سەنئەت خادىملىرى بىر يۈرۈش ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلغان شانلىق مۇساپىنى ئەسلەپ ئۆتتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى ھېس قىلدى، شەندۇڭنىڭ رۇشەندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىيما رەسىم ئەسەرلىرى ئارقىلىق گۈزەل يۇرتىنى مەدھىيەلىدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە