- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پۇتىن ئاناتولىي سېرديۇكۇفنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ خىيانەتچىلىك دېلوسىنى تەلتۈكۈس تەكشۈرۈشكە بۇيرۇدى
2012.11.07 15:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نۇيابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاناتولىي سېرديۇكۇف (Anatoly Serdyukov)نى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى سېرگىي شويگۇ (Sergei Shoigu)نى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىدى.
پۇتىن مۇنداق دېدى: «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرديۇكۇفنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەكشۈرۈشكە ئوبيېكتىپ مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردۇم.»
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە