باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ھەمكارلىقىنىڭ 15يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

2012.11.20 16:40        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ 15يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنى 19-نويابىر كامبودژانىڭ پايتەختى پىنومپېندا ئۆتكۈزۈلدى. باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش يىغىنىدا ۋېن جياباۋ 15 يىلدىن بۇيان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرلەشلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئەھمىيىتىنى نۇقتىلىق شەرھلىدى، ھەر قايسى تەرەپلەرنى شەرقىي ئاسىيانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلىدى.

  چۈشتىن كېيىن ۋېن جياباۋ 15-قېتىملىق جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى.

  ۋېن جياباۋ ئۆتكەن بىر يىلدا جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بەردى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد -سودا، ئۆزئارا ئالاقە، دېڭىز-ئوكيان، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى ۋە تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى. ۋېن جياباۋ يەنە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە رايون تەرەققىياتى توغرىسىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن سەمىمىي ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى. جۇڭگو تەرەپ كرىزىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىققا مەركەزلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشنى ئويلىشىدۇ دېدى. تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە