باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندىكى دەسسلىپ كېتىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندىمۇ 20 ئادەم قازا قىلدى

2012.11.20 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ 19-نويابىر دېيىشىچە، ھىندسىتاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىخار ئۆلكىسدە شۇ كۈنى دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندىمۇ 20ئادەم قازا قىلغان، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قىز ـ ئاياللار ئىكەن.

  تەخمىنەن 100 مىڭدەك ئادەم شۇ كۈنى پاتنا شەھىرىنىڭ كانگې دەرياسى بويىدا قۇياش ئىلاھى بايرىمىنى تەبرىكلەشتى. كەچقۇرۇن، كىشىلەر دەريا بويىدىكى ۋاقىتلىق بامبۇكتىن سېلىنغان كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە، بامبۇك كۆۋرۈك ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلمەي گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن. ئالاقزادىلىكتە كىشىلەر كونتروللىقىنى يوقىتىپ دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، كۆۋرۈك ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن بىر قىسىم كىشىلەرنى توك سوقۇۋېتىپ، نەق مەيداندىلا 20 ئادەم قازا قىلغان، ئون نەچچە ئادەم يارىلانغان.

  يەرلىكتىكى ئەمەلدارلار دەرھال ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئىلىپ بېرىشقا تەشكىللىگەن.

  ھىندىستاندا دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. 2011-يىلى 14-يانۋار، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كېرالا ئۆلكسىدە ئېغىر دەرىجىدە دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 104 ئادەم قازا قىلىپ، 50 ئادەم يارىلانغان ئىدى. (ۋۇ چياڭ فوتوسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە