باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن «ئۈچ پېشقەدەم» گە بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ئۆستۈردى

2012.11.20 15:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىڭتۈەن يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2012-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، بىڭتۈەن تۈەن مەيدانىدىكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئورۇنلاردىكى «ئۈچ پېشقەدەم» نىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

  كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ھەر ئايلىق 230 يۈەنلىك تولۇقلىمىسىنى 360 يۈەنگە ئۆستۈرۈش؛ پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەر ئايلىق 210 يۈەنلىك تولۇقلىمىسىنى 340 يۈەنگە ئۆستۈرۈش؛ دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىك پېشقەدەملەر نەمۇنىلىرىغا بېرىلىدىغان ئەسلىدىكى ھەر ئايلىقى 300 يۈەن، 280 يۈەن، 260 يۈەن تولۇقلىمىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 430 يۈەن، 410 يۈەن، 390 يۈەنگە ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە