باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ تەشۋىق قىلايلى ۋە ئىزچىللاشتۇرايلى

2012.11.19 16:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نۇيابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 17-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرىنچى قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئېلىپ باردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. بىز بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ فوكۇسى، كۈچەش نۇقتىسى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىينىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنەيلى، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەيلى ۋە تېخىمۇ ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرايلى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە