باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزدۇر

2012.11.16 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى بىلەن بىللە جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نۇيابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا سايلانغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار 15-چېسلا چۈشتە خەلق سارىيىدا 18-قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ زور مەسئۇلىيەت — خەلققە مەسئۇل بولۇشتۇر. خەلقىمىز ئۇلۇغ خەلق. ئۇزاق تارىخىي مۇساپە داۋامىدا، جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ ئىشچانلىقى، باتۇرلۇقى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، مىللەتلەر ئىناق، ئورتاق ياشايدىغان گۈزەل ماكاننى بەرپا قىلىپ، كۈنسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئېسىل مەدەنىيەت ياراتتى. خەلقىمىز تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ، تېخىمۇ ياخشى تەربىيە ئېلىشنى، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەتنى، تېخىمۇ قانائەتلىنەرلىك كىرىمنى، تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ئىجتىمائىي كاپالەتنى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى، تېخىمۇ راھەت تۇرالغۇ شارائىتىنى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىتنى ئارزۇ قىلىدۇ، بالىلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ چوڭ بولسا، تېخىمۇ ئوبدان خىزمەت قىلسا، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرسە دەيدۇ. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان بۇ ئارزۇسى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزدۇر. كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق بەخت جاپالىق، ئىجتىھاتلىق ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى داۋاملىق ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئورتاق بېيىش يولىدا قەتئى تەۋرەنمەي مېڭىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە