- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەييار ماي باھاسى 4-قېتىم چۈشىدۇ
2012.11.16 15:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى 16-نويابىر سەھەر سائەت نۆلدىن باشلاپ، ھەر توننا بېنزىننىڭ باھاسىنى 310 يۈەنگە، ھەر توننا دىزېلنىڭ باھاسىنى 300 يۈەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، (مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن) ھەر لېتىر 90-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارچە باھاسى 0.23 يۈەن، ھەر لېتىر دىزېلنىڭ پارچە باھاسى 0.26 يۈەن چۈشىدۇ.بۇ قېتىم دۆلىتىمىزدىكى تەييار ماي باھاسىنىڭ تەڭشىلىشى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تەييار ماي باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى بويىچە، خەلقئارا بازاردىكى ماي باھاسىنىڭ يېقىنقى ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن قارار قىلىنغان. (مۇخبىر جۇ جيەنخۇڭ؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە