باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر ئىستۇدېنت بۇشنىڭ تۇرالغۇسىنى پارتلاتماقچى بولغان

2012.11.15 14:31        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBCنىڭ 13-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزدېنتى كىچىك بۇش(George W Bush)نىڭ تېكساسقا جايلاشقان تۇرالغۇسىنى پارتلاتماقچى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى خالىد ئەلدۋىسارى (Khalid Aldawsari)نى ئامېرىكا سوتى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. ئ

  ەلدۋىسارى بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2011-يىلى 2-ئايدا قولغا ئېلىنغان. سودىيەنىڭ ئېيتىشىچە، ئەلدۋىسارى كونكرېت ھۇجۇم پىلانى تۈزگەن ئىكەن. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇنىڭ تېكساس شتاتى لۇببوك(Lubbock)قا جايلاشقان ئۆيىدىن پارتلاتقۇچى بومبا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنى بايقىغان. يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە سۇ ئېلېكتر توسمىسى ئۇنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئىكەن.

  ئەلدۋىسارى 435 ئامېرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 2712 يۈەنگە باراۋەر) سەرپ قىلىپ بىر خىمىيە شىركىتىدىن ماتېرىيال سېتىۋالماقچى بولغاندا گۇمان قوزغاپ قويغان. تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەلدۋىسارى زەھەرلىك خىمىيىۋى دورا فېنول (phenol)(پارتلاتقۇچ بومبا ياساشقا ئىشلىتىلىدىكەن) سېتىۋېلىشنى زاكاز قىلغان ھەمدە مال ساتقۇچىغا «مەكتەپ سىرتىدا تەجرىبە ئىشلەيمەن» دېگەن. مال ساتقۇچى بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)غا دېلو مەلۇم قىلغان. ئەلدۋىسارى كېيىن زاكازنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 30 لىتىر قويۇق ئازوت كىسلاتاسى ۋە 13 لىتىر سۇلفات كىسلاتاسى سېتىۋالغان.

  ئەلدۋىسارى قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن، FBI ئالاھىدە خادىملىرى ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاختۇرۇپ، ئاسان پارتلايدىغان خىمىيىۋى بۇيۇملار، توك سىمى، مۇداپىئە كىيىمى، سائەت ۋە پارتلاتقۇچنى قانداق ياساش توغرىسىدىكى ۋىدېيولارنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەلدۋىسارى ھۇجۇم نىشانلىرىنى بېكىتكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزدېنتى كىچىك بۇشنىڭ تۇرالغۇسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن. ئۇ كىچىك بۇشنىڭ تۇرالغۇسىنى «زالىم پادىشاھنىڭ ئۆيى» دەپ ئاتىغان.

  سوراق جەريانىدا، ئەلدۋىسارى «مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ بولمىغۇر ھەرىكەتلىرىم ئۈچۈن ئۆكۈنىمەن، ئەمما ھېچكىم بۇ سەۋەبتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنى يوق» دەپ ئەپۇ سورىغان. ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى ئەلدۋىسارىنىڭ ھۇجۇم مەقسىتىنىڭ ئېنىقلىقى، لېكىن ئۇ پىلانىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھېچقانداق «ئەمەلىي ھەرىكەت» قوللانمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ھالبۇكى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ پارتلاتقۇچ بومبا مۇتەخەسسىسلىرى ئەلدۋىسارى ئالغان خىمىيىۋى بۇيۇملار بىلەن يەتتە كىلوگرام پارتلاتقۇچ دورا ياسىغىلى بولىدۇ، بۇ 2005-يىلى لوندون يەر ئاستى پويىزىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى بىر پارتلاتقۇچ بومبا ئىشلەتكەن خىمىيىۋى دورىلارنىڭ مىقدارى بىلەن تەڭ كېلىدۇ، دېگەن.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە