باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر قۇرۇلتاي دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

2012.11.15 09:20        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ مۇھىم تەدبىر مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلىدى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالاقىدار روھنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق دېيىشتى: يەر ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۈچلۈك قوغداپ، دېھقانلارنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن يەر ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  خەينەن لېدۇڭ لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىفاڭ كەنتلىك ئاھالىلەر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ يوڭيى مۇنداق دېدى: بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن دېھقاننىڭ يېرى ئىشلىتىلدى، ئەمما ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يەر ئىشلىتىش باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن، دېھقانلار يېرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسىدىن ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قىلماقتا. بۇ مەسىلىنىڭ بالدۇرراق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  نۇرغۇن كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق دەپ قارىدى: 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى سىياسىتى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، تۈجۈپىلەنگەن، كەسىپلەشكەن، تەشكىللەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. گۇيجۇ ئۆلكىلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يې تاۋ مۇنداق دېدى: كەسپىي جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش ئاممىنى قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئەڭ ئۈنۈملۈك نامراتلارنى يۆلەش شەكلى، كەسپىي جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەشكە مەدەت بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق دېدى: تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قىسقا مۇساپە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، دېھقانلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىش، يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتا سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى چوڭ ناھىيەلىرىنى يەنىمۇ يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تولۇقلاش كېرەك. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى شىڭيې ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ دېيۈەن مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىن يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قىسمەن يېزىلاردىكى سىرتقا چىققان ياشلارنىڭ قايتىپ كېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە