باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۆتكەلگەن يىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا ئالاقىدار كونكرېت سىياسەتلەر بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ

2012.11.16 15:50        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش خۇددى ئۇزاققا سوزۇلغان بىر مەيدان قورشاۋ شاھماتقا ئوخشايدۇ. ئالىي مائارىپ بايلىقىنىڭ تەكشىسىزلىكى، نوپۇس تۈزۈمىنىڭ چۈشەپ قويۇشى، ئوقۇغۇچى مەنبەسى مەنپەئىتىنى تەڭشەشنىڭ تەسلىكى قاتارلىقلار مىليونلىغان ئوقۇغۇچىغا چېتىلىدىغان بۇ سىياسەتنىڭ تېخىچە ئوتتۇرىغا چىقىرىلماسلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ھازىر 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) نىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كونكرېت سىياسەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ۋاقتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. ھازىرغا قەدەر خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئالدى بىلەن يۆتكەلگەن يىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنىڭ شەرتلىرىنى بېكىتتى، جياڭشى، يۈننەن، جېجياڭ قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرمۇ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گەرچە مۇشۇنداق ئىپادە بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئوخشىمىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە: بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇلار قىيىنچلىقتا قالدى، يۇقىرى نومۇرلۇق ئۆلكىلەردە ئىچكى-تاشقى جەھەتتە پەرق مەۋجۇت، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ سىنىقىدا بۆسۈش ھاسىل بولدى، چەت-ياقا رايونلار دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋاللار سىياسىي مۇھىت، مائارىپ ئەنئەنىسى جەھەتلەردىكى پەرقلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىدۇ، شۇڭا يۆتكەلگەن يىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ. مەيلى ئالدىن بۆسۈش ھاسىل قىلغانلار بولسۇن ياكى ئارىسالدىلىقتا قالغانلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى قىممەتلىك تەجرىبە. ئەمما يۆتكەلگەن يىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش تۈزۈمىنى قەتئىي يولغا قويۇش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە