- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شى جىنپىڭ قاتارلىق دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى(1)
2012.11.15 15:57
پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى 15-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 18-قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلغان جۇڭگولۇق، چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. سائەت 11 دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەتتە ئەزاسى قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىغا كىرىپ، نەق مەيداندىكى جۇڭگولۇق، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا كۈلۈمسىرەپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سەي مىڭجاۋ كۆپچىلىككە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇخبىرلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇخبىر دوستلار 18-قۇرۇلتاينى كۆپلەپ خەۋەر قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ساداسىنى يەتكۈزدى. مەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: باياتىن بىز جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك ئورگىنىنى سايلاپ چىقتۇق، يىغىندا مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارلىقىغا سايلاندىم. شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا يېڭىدىن سايلانغان باشقا ئالتە ئەزانى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇردى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم بۇ مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۈمىدى-بىزنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە غايەت زور ئىلھام بولىدۇ شۇنداقلا بىزگە يۈكلەنگەن مۇھىم مەسئۇلىيەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە