باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننى ئەيبلەپ ب د ت غا مەكتۇپ يوللىدى

2012.11.15 14:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى 12-نويابىر ب د ت باش كاتىپى بانكىمونغا (Pan Gi-Moon)غا مەكتۇپ يوللاپ، ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پارس قولتۇقى رايۇنىدىكى تەبىئى گازلىقلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ھاۋا تەۋەلىكىگە كۆپ قېتىم «تاجاۋۇز قىلغان»لىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى مەكتۇپتا ئىراننىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى پارس قولتۇقى رايۇنىدىكى خاسبا(Hasba) تەبىئى گازلىقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، مەكتۇپتا يەنە، ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ھەربى پاراخوتىنىڭ يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ بىر پاراخوتىنى توسقانلىقىمۇ دېيىلگەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېخى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، ئەمما «مۇۋاپىق قارشى تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان»لىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى مۇۋاپىق ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىنى ۋە نېفىتىنى قوغداش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ، دېگەن.

  ئىگىلىنىشچە، سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئىراندىن ھاۋا تەۋەلىكىگە بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى يەنە قايتىلىماسلىقىنى تەلەپ قىلىغان ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ 1968-يىلى ئىمزالىغان كېلىشىمى بويىچە، ئىراننىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئۇچۇپ ئۆتكەن خاسبا گازلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى ھاۋا تەۋەلىكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە