باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇرۇلتاي روھى شاڭخو بازىرىدىكىلەرنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى

2012.11.15 13:53        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ماھىرە ئەركىن خەۋىرى. مەن 11–نويابىر چۈشتىن ئىلگىرى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قانداق تەسىر قوزغىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە كورلا شەھىرىنىڭ شاڭخۇ بازىرىدا زىيارەتتە بولغان ئىدىم. بۇ بازاردىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما تاراتقۇلار ئارقىلىق باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىكى مەزمۇنلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، زور ئىلھام ئاپتۇ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يەنىمۇ غەيرەتكە كەپتۇ.

  شاڭخو بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئالىمجان داۋۇت مۇنداق دېدى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت مەزمۇنلار بىزنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز، ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، بازىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

  شاڭخو بازىرى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى تۇرسۇن ھەبى مۇنداق دېدى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم. دوكلاتتا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئۇنىڭدا خەلقنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. دوكلاتتا يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش قاتارلىق يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇنىڭدىن كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز، غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە