باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈەن گۈيرېن: بۇ يىلدىن باشلاپ يېزىلاردا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ھەقسىز ئوقۇتۇش يولغا قويۇلىدۇ

2012.11.14 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، بۈگۈن كەچ سائەت 20دە، 18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى «جۇڭگونىڭ مائارىپ ئادىللىقى» دېگەن تېمىدا تور سۆھبىتى ئۇيۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈەن گۈيرېن تورداشلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: يېقىندا گوۋۇيۈەن مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق بۇ يىلقى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، يېزىلاردا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى بارلىق يېزىلىق ئوقۇغۇچىلار، شەھەرلەردە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغىچە كېڭەيتىشنى قارار قىلدى. بۇ ئېلىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزىلاردا توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ھەقسىز قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىنكى يەنە بىر زور تەدبىرى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى تارىخىدىكى ئابىدە ھېسابلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}