باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى

2012.11.12 15:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 8-نويابىر چۈشتىن كېيىن 2-قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، يولداش خۇجىنتاۋنىڭ پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىسمائىل تىلىۋالدى، جاڭ چۈنشەن، چېجۈن قاتارلىق ۋەكىللەر ئايرىم-ئايرىم پىكىر بايان قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى: دوكلات كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىستىراتېگىيەلىككە، قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە بوپتۇ، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىز ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئىنتايىن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن سۆز قىلىپ: يولداش خۇجىنتاۋنىڭ دوكلاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بوپتۇ. دوكلاتتا پارتىيەنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىدىكى ئۇلۇغ نەتىجە، پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، بىز پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىل ئەمەلىلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى تىز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرىمىز، دېدى.

  ئاخىرىدا كۆپچىلىك: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي-باياشات ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش كېرەك، دېيىشتى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}