باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خۇجىنتاۋنىڭ 18-قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارنى قوزغىدى

2012.11.12 15:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش سېكرېتار خۇجىنتاۋنىڭ 18-قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارنى قوزغىدى.

  بىر قىسىم زاتلار 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئۆگەنگەندە مۇنداق دەپ قارىدى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ـــ يېڭى باسقۇچتىكى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان، پارتىيەنىڭ ئارزۇسىغا، خەلقنىڭ رايىغا ئۇيغۇن بولۇپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلاھات تەرەققىياتىغا قارىتا بىر تۇتاش رەھبەرلىك رولىغا ئىگە، شۇنداقلا جۇڭگونى توغرا يولنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان ئىدىيەۋى بايراق ھېسابلىنىدۇ.

  بىر قىسىم كىشىلەر: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يېڭى ئورنى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ـــ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى» دېگەن خۇلاسە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە يېتەكچى ئەھمىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى مەزگىلدىكى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندىدى، دەپ قارىدى.

  بىر قىسىم مۇتەخەسسىس، ئالىم، كادىر ۋە ئامما:ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى سوتسىيالىزم قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئىسلاھات تەرەققىياتىنى يېڭى تەپەككۇر يولى ۋە يېڭى تەدبىرلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  بىر قىسىم ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا خىلاپ بولغان ھەم ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا توسقۇن بولىدىغان يەنە بىر قىسىم ئىدىيە قاراشلار ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمى توسالغۇلىرى مەۋجۇت بولىدۇ. پەقەت ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى تۈگەتكەندىلا، ئاندىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە