- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكىدىكى يۈز مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا بىرلىكتە ئامېرىكا قوشماشىتاتىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى
2012.11.14 09:23
رۇسىيە RT تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 12-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى 20 ئىشتاتتىكى يۈز مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا شۇ جاي ۋاقتى 12-نويابىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا قوشماشىتاتىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە 20 ئىشتاتتىكى پۇقرالار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى بولغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى رومنېي غەلىبە قىلغان ئىشتاتلاردىن كەلگەن.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا قوشماشىتاتىدىن ئايرىلىش قانۇنى بولمىسىمۇ، لېكىن تېكساس ئىشتاتىدىكى بىرلىشىپ ئىمزا قويغۇچىلار 25 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، شۇڭا ئاق ساراي بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە