باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

18-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى ئۈستىدە قىزغىن مۇھاكىمە يۈرگۈزدى

2012.11.13 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش شەرت.» بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا پارتىيە ئىچى-سىرتىدىكىلەر ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرگە بېرىلگەن ئىخچام، روشەن ۋە تەنتەنىلىك جاكارنامە.

  «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك، باشنى چۆكۈرۈپ قاتمال تۇرۇۋالىدىغان كونا يولغا مېڭىشقىمۇ، بايراق ئۆزگەرتىدىغان قىڭغىر يولغا مېڭىشقىمۇ بولمايدۇ.» بۇ 2000 دىن ئارتۇق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، 82 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغان تارىخىي قارارىدۇر.

  «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا مېڭىش پارتىيە خەلقنىڭ توغرا قارارىدۇر.»«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش دوكلاتنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا دوكلاتقا باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن قىزىل ئىدىيە.»

  «جۇڭگو يولى» قۇرۇلتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  «جۇڭگو __ دۇنيا تارىخىدا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدە بىر مىلياردىن ئارتۇق ئادەمنى بېيىتىش ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان تۇنجى، بەلكىم بىردىنبىر دۆلەت بولسا كېرەك.»

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى شۇكى، ئۇ 30 نەچچە يىل ئالدىدا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولىنى تاللاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئاچتى.»

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە