باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە پارتىيەلىرى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2012.11.13 14:21        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە، بىر قىسىم چەتئەل رەھبەرلىرى، پارتىيەلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن تېلېگرامما ياكى خەت ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

  گىۋىيانا خەلق تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى، پىرېزىدېنت رامۇتو تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى بولغانلىقتىن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. گىۋىيانا خەلق تەرەققىيات پارتىيەسى ئىككى پارتىيەنىڭ قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى خالايدۇ.

  ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچلىشى جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. مەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  برازىلىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ 1-مۇئاۋىن رەئىسى تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن ئىنتايىن خۇشالمىز، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك ئىسلاھاتىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلماقتىمىز. بىز 18-قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز.

  لائوس تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىق كومىتېتىنىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: لائوس ئىنتايىن قىزغىن ھېسسىيات بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18- قۇرۇلتىيىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا، ھەمدە قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان قارارلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي ۋە قۇدرەتلىك جۇڭگو قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقى قەتئىي ئىشىنىمىز.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە