باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش يىلدا دۆلەت مەدەنىيەت ئىشلىرى يۈز مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى

2012.11.14 09:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ %84 مەمۇرىي كەنتىدە دېھقانلار كىتابخانىسى بار، %83 يېزا بازىرىدا مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت نۇقتىسى بار، %100 مەمۇرىي كەنتكە رادىيو تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈلدى، %100 يېزا بازاردا ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى قۇرۇلدى، كىتاب كۆرۈش، ئويۇن كۆرۈش، رادىيو ئاڭلاش، تېلېۋىزور كۆرۈش تەس بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

  ئون يىل جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە دۆلەتنىڭ 2101 ئەدەبىيات سەنئەت ئۆمىكى تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ۋەزىپىنى %99.9 ئورۇنلىدى. مەملىكەت بويىچە ئويۇن سەنئەت ئىجادىيىتىدە يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلدى. 2011-يىلى مەملىكەت بويىچە ئەدەبىيات سەنئەت ئۆمەكلىرى 1 مىليون 550 مىڭ مەيدان قېتىم ئويۇن قويدى، بۇ 2003-يىلىدىكىدىن 4 ھەسسە كۆپ؛ ئويۇن قويۇش كىرىمى 5 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ 2007-يىلىدىكىدىن 7.4 ھەسسە كۆپ.

  مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدىن، شۇنداقلا مالىيە جەھەتتە قوللاش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلگەنلىكىدىن بولدى. 2007-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا سالغان مەبلىغى ئەڭ تېز بولدى، بۇ بەش يىلدا سېلىنغان مەبلەغ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئالدىنقى 50 يىلدا سېلىنغان مەبلەغنىڭ 2 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ، سېلىنغان مەبلەغ 145 مىليارد 499 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە